باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 43 جايدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىندى

2018.07.09 16:55   مەنبە: خەلق تورى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 43 جايدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 43 جايدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 31 جايدا ئەرزان قولايلىق ئۆي، 12 جايدا ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي بار بولۇپ، 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇرۇن كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلىپ تەستىقتىن ئۆتكەن بارلىق ئائىلىلەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.

  7-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارسى ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 18-قېتىملىق كاپالەتلىك تۇرالغۇنى چەك تارتىپ تەقسىملەش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 31 جايدىكى ئەرزان قولايلىق ئۆي ئاساسلىقى تاۋار ئولتۇراق ئۆي رايونىدا بولۇپ، سەينا زوئەن، زىدۇڭ جيايۈەن، غەربىي تاغ يامالىق تېغى سودا-ئولتۇراق رايونى (شىسەن شاڭجۇ)، غەربىي يۇرت ئوردىسى (شىيۈ خۇافۇ)، ۋەيتەن 1-نومۇر قاتارلىق ئولتۇراق رايونلاردا ئىكەن، ئاپتوبۇس بىۋاسىتە قاتنايدىكەن. ئېلان قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 31 كىۋادرات مېتىردىن 75 كىۋادرات مېتىرغىچە ئىكەن. ھەر بىر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 2110 يۈەندىن 3500 يۈەن ئارىلىقىدا بولىدىكەن.

  ئەرزان قولايلىق ئۆينى چەك تارتىپ تەقسىملەشتە، كومپيۇتېردا 5دىن 1نى تاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ ئىككى قېتىم چەك تارتىش پۇرسىتى بولىدىكەن، چەك تارتىشقا قاتناشقان ھەر بىر شەھەر ئاھالىسى 10 يۈرۈش ئۆينىڭ ئىچىدىن بىر يۈرۈشنى تاللىشى كېرەك ئىكەن. تاللىمىغان كىشىلەر مەيداندىن ئايرىلسا بولىدىكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىمدا ئۆي تاللىشى تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن. ناۋادا ئۆينى تاللاپ بېكىتىپ، ئىمزا قويۇپ، سېتىۋېلىش ئۇختۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچسە، بىر قېتىملىق ئەمەلىي ۋاز كېچىش ھېسابلىنىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال ئۈچ قېتىمغا يەتسە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئېلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۆي مەنبەسىنى ئالدىن كۆرۈپ، نەق مەيداندا ئۆي تاللىغاندا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاللاپ بېكىتىشىگە قولايلىق بولۇشىنى ئەسكەرتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئەرزان قولايلىق ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ھەرىكەتچانلىقى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، ئاممىۋى ئىجارىلىك تۇرالغۇنىڭ دائىرىسىگە داۋاملىق تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ھەمدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان خىزمەتچىلەردىن سىرت، يەنە يېڭىدىن يېزا ئىگىلىكى كۆچمە ئائىلىسى، ياش دوختۇرلار ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق كىشىلەر كىرگۈزۈلۈپ، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينىڭ كاپالەت دائىرىسى سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە كېڭەيتىلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 3085 يۈەندىن تۆۋەن بولسا ھەمدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولسا، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3000دىن ئارتۇق كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئائىلىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇ يىل ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن ئائىلىلىكنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرىشى پىلانلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر