خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇل خەلق سارىيىدا كۇۋەيت ئەمىرى ساباخ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو-كۇۋەيت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، يېڭى مەنزىل ئېچىشنى بىردەك قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ ساباخنىڭ جۇڭگوغا 7-قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ساباخنىڭ جۇڭگو-كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان ياخشى دوستلاردىن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن – ئاخىر سەمىمىي، دوستانە، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ھازىر دۇنيا ئۆزگىرىش، تەڭشىلىش بولۇۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ـــ ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كۇۋەيتنى دېڭىز قولتۇقى يۆنىلىشىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو كۇۋەيتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. كۇۋەيت جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئىمزالىغان دۆلەت. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىدە بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، سودا، سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو كۇۋەيت بىلەن ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى