قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى «ئانار دانىسى پىلانى» ساياھەت تۈرىگە قاتناشقان بىر كۇلالچى ئائىلىسىدە، ئىتالىيەلىك ساياھەتچى لاۋرا ئۆزىنىڭ ساپال ئەسىرىنى نامايان قىلماقتا (18- ماي تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل يازدا، شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە قەشقەر شەھىرى بىرلىكتە «ئانار دانىسى پىلانى» سىناپ بېقىش شەكلىدىكى ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى قول ھۈنەرۋەنلىرىدىن ساپالچىلىق، مىس قاچا-قۇچا، ياغاچتىن ئويۇلغان ھۈنەر بۇيۇملىرى ياساشنى ئۆگەندى؛ چالغۇ دۇكىنىدا ئەسلىي پۇراقتىكى مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلاندى؛ نانلارنى تاللاپ يەپ، چايلارنى ھەقسىز تېتىپ كۆردى؛ يەنە كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماق يېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى