باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2018.07.10 11:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش مائارىپى كەسپىدە دەلىللەشتىن ئۆتكەن مەكتەپلەر تىزىملىكىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىمۇ بار بولۇپ، بۇ، مەزكۇر كەسىپنىڭ خەلقئارا قۇرۇلۇش مائارىپى بويىچە «ۋاشىنگتون كېلىشىمى» تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، يەر شارى قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سېپى»گە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، خەلقئارا قۇرۇلۇش مائارىپى دەلىللىشىدىن ئۆتكەن تۇنجى تېخنىكا پەنلىرى كەسپى بولۇپ قالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، «ۋاشىنگتون كېلىشىمى» خەلقئارادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە قۇرۇلۇش مائارىپى ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر 18 ئەزا دۆلەت (رايون) بار. ئېلىمىز 2016-يىلى «ۋاشىنگتون كېلىشىمى» تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمدىكى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەر تەسىس قىلغان سانائەت پەنلىرى كەسپىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ، بۇ كەسىپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار «ۋاشىنگتون كېلىشىمى»گە ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا ئىنژېنېرلىق كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بارلىقىنى ياكى ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئىلتىماس قىلغاندا، شۇ جايدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى، بۇ، جۇڭگونىڭ تېخنىكا پەنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن «يول خېتى» بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەلىللەش نەتىجىسى ساھە ۋە كارخانىلاردا يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، كەسپىي ئىنژېنېرلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى ياكى ئىقتىدارىنى باھالاش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: كەسپىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساھە ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتى، ئەقلىي كۈچ ۋە پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر