باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىللە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەڭ ئېچىۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالايلى

2018.07.10 16:50   مەنبە: خەلق تورى

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەڭ ئېچىۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالايلى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتە، بېرلىن زۇڭلى سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرگە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، سانائەت، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سودا، مۇھىت ئاسراش، يېزا ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سەھىيە قاتارلىق تارماقلىرى مەسئۇللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو-گېرمانىيە پۇل مۇئامىلە، مالىيە-ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مەبلەغ سۆھبىتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قوش تەرەپ ۋە 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بايرىقى روشەن ھالدا قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپ قائىدىسى ئاساسىدىكى ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلىرىدىن مەمنۇن بولدى. جۇڭگو «فرانكفۇرت» پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە خەلق پۇلىنىڭ چەت ئەل بازىرى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى، «دېئۇتسچې» بانكىسىغا پۇل مۇئامىلىسىز كارخانىلارنىڭ قەرزدارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالىنى سېتىش سودىگىرى سالاھىيىتىنى بېرىشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ قوش تەرەپ ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئالدىغا سىلجىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا ۋە ئادىل، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا بازارنى ئورتاق قوغداپ، ئۆز ئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشكە بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرگە 3-تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئېچىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن «سانائەت 4.0» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىغا سۇپا ھازىرلاپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، قولايلىق يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو گېرمانىيەنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. گېرمانىيەنىڭ جۇڭگوغا بولغان مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت قۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…