خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بېرلىن زۇڭتۇڭ سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ستېئىنمېيېرغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك تېز تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىدە ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەر قايسى ساھەلەر ھەمكارلىقىنىڭ پىلان خەرىتىسى تۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغداش سىگنالىنى ئورتاق تارقىتىشقا بىردەك قوشۇلدى. 21-ئەسىردىكى بۈگۈنكىدەك كۈندە، سودا قورغىنى قۇرۇش دېگەن كونا زاماننىڭ قىلمىشى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ، ئورتاق مەنپەئەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق ئۈلگىسى بولۇشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى