باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

2018.07.10 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزى»نىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى. «12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزى» تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پۈتكۈل ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەپتىش مۇلازىمىتى، تەپتىش ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، نازارەت قىلىش، باھالاش، تەپتىش تەشۋىقاتى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىر تۇتاش تاشقى مۇلازىمەت سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.

  «ئىلگىرى 12309 پەقەتلا ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى پاش قىلىش تېلېفونى ئىدى، ھازىر 12309نىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ، تەپتىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى بولدى. ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىدىغان سۇپىدىن شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش، دۆلەت تۆلىمى، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەپتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپىغا تەڭشەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يوڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ ئارقىلىق تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىشىكى جەمئىيەتكە، ئاممىغا تولۇق ئېچىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

  12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزى تور سۇپىسى ۋە ئەمەلىي گەۋدە زالىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تور سۇپىسى __ 12309 تور بېكىتى، 12309 تەپتىش مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى، 12309 كۆچمە ئابونت تېرمىنالى ۋە 12309 ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەپتىش مۇلازىمىتى مەركىزىي زالىدا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ئەرز-شىكايەت، ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش، دېلو باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت كۆزنەك خىزمەت رايونى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باش تەپتىش كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسى، يىراقتىن سىنلىق قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، كوللېكتىپ ئەرز قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئادۋوكات قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، دېلو مۇزاكىرە قىلىش ئۆيى، كۈتۈۋېلىش ئۆيى، كەيپىياتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۆيى، ئەرزىيەت ئىسپات ئاڭلاش ئۆيى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن سورۇنلار تەسىس قىلىندى.

  لى يوڭجۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە، تەرتىپلىك، ئۆز ۋاقتىدا، مەدەنىي قوبۇل قىلىپ بېجىرىشى، ئاممىغا 12309نىڭ ياخشى، ئەسقاتىدىغان سۇپا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىنىدىغان قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر