باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىق زاپىسى كۆپ مىقداردا ئاشتى

2018.07.11 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قېزىلما بايلىق زاپىسىغا دائىر ئىستاتىستىكىلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ كان بايلىقلىرى ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن 2017- يىلى ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسىنىڭ ئومۇمىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى قوغداش-نازارەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۈ جيەنخۇا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەبىئىي گاز گىدراتنىڭ يېڭى رۇدا تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ئەگىشىپ، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە بايقالغان قېزىلما بايلىقلارنىڭ تۈرى 173گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنى كان تۈرىدىكى چوڭ تۈرلەر بويىچە ئايرىغاندا، نۆۋەتتە، ئۇلارنى 13 خىل ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقى، 59 خىل مېتال قېزىلما بايلىقى، 95 خىل مېتاللوئىد قېزىلما بايلىقى ۋە ئالتە خىل سۇ گازى قېزىلما بايلىقى، دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

  ئېنېرگىيە كان بايلىقلىرى جەھەتتە، ئۇلارنىڭ زاپىسى كۆپ مىقداردا ئاشتى، بولۇپمۇ سلانېتسنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىر قەدەر زور بولدى، ئەمما نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئېشىشى ئاستىراق بولۇپ، كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سىلانېتس گازىنى تەكشۈرۈشتە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان گېئولوگىيەلىك زاپىسى تىرىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتتى. 2017- يىلى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا يېڭىدىن بايقىلىپ كۆپەيگەن ھەمدە ئۇنىڭ گېئولوگىيەلىك زاپىسى 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن سىلانېتس گاز مەيدانىدىن يەنە ئىككىسى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر