باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاشلىق-ماي ئۇچۇر مەركىزى: ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقى ئىمپورتىنى ئازلىتىش يوچۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز بار

2018.07.11 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاشلىق-ماي ئۇچۇر مەركىزىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئىمپورت تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقىنىڭ ئىمپورت تەننەرخى ئۆسۈپ، جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىشى كۆرۈنەرلىك ئازلايدىكەن، لېكىن ئېلىمىزنىڭ ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقى ئىمپورتىنى ئازلىتىش يوچۇقىغا تاقابىل تۇرۇشقا تامامەن ئىقتىدارى باركەن.

  دۆلەت ئاشلىق-ماي ئۇچۇر مەركىزى مۇتەخەسسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىز ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى %25 ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقىنىڭ ئىمپورت تەننەرخىنىڭ ھەر توننىسى 700~800 يۈەن ئېشىپ، بىرازىلىيە سېرىق پۇرچىقىنىڭ ھەر توننىسىدىن 300 يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدۇ. تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن رىقابەت ئەۋزەللىكى يوقاپ كەتكەچكە، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقى سېتىۋېلىشنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، 28-ئىيۇنغىچە، ئېلىمىزنىڭ يېڭىدىن ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقى سېتىۋالمىغىنىغا ئۈچ ھەپتە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 615 مىڭ توننا ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقى زاكازىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  بۇ مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىرازىلىيە سېرىق پۇرچىقىدىن ھوسۇل ئېلىندى، كېلەر يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقىنى تېرىش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش مۆلچەرلەندى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرىمۇ سېرىق پۇرچاق تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىز دۆلەت ئىچىدىكى سېرىق پۇرچاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سېرىق پۇرچاق، تىرىپ تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىمپورت مەنبەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، يەم-خەشەك تەييارلاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، پۇرچاق تىرىپىگە تايىنىشنى ئازلىتىپ، ئىمپورت ئېھتىياجىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا سېرىق پۇرچىقى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى يوچۇقنى تامامەن تولۇقلىيالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر