باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ بېرما تىلى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو-بېرما دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى بېرمىدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.07.10 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، بېرما فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ بېرما تىلى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو-بېرما دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى 9-ئىيۇل بېرمىنىڭ پايتەختى نېيبىدۇدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن بېرما ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 300دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىملىق تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى مۇنداق دېيىشتى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتاب چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى مۇھىم ھۆججەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئاچقۇچ بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلغان بارلىق ئىشنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ بەردى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 1-تومىنىڭ بېرما تىلى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى، بېرما خەلقىنىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە بىر كۆزنەك ئېچىپ، جۇڭگو-بېرما خەلقىنىڭ تۇغقانچىلىق مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۆۋرۈك سېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يېڭى ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر