باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2018.07.10 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ4-يىغىنى 9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 167 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  لى جەنشۇ دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بۇلغىنىشقا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، سالمىقىنىڭ چوڭلۇقى، تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىكى، ئۈنۈمىنىڭ روشەنلىكى مىسلىسىز بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 5-ئايدىن 6-ئايغىچە سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 23 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنچىللىق كاپالىتى يەنىمۇ كۈچىيىپ، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، لېكىن قۇرۇلما خاراكتېرلىك بۇلغىنىش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇش، قىسمەن يانداش قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەم تۈزۈش خىزمىتى ئارقىدا قېلىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى كۈچلۈك بولماسلىق، قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر