باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر»نى تەستىقلاپ تۆۋەنگە تارقاتتى

ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.07.10 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ «ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پىكىر دېيىلىدۇ )نى تەستىقلاپ تۆۋەنگە تارقاتتى.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىمپورت قىلىشنىڭ خەلقنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارادا رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردىكى پائال رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىمپورتنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودىنى قوغداش كېرەك. پىكىردە ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تۆت جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئىمپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلقئارا بازار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك

  ئۈچىنچى، كۆپ يوللارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇش شەرتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر