باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى سىستېمىسى ئېلان قىلىندى

ھەممە باج تۈرىنى بىر توردا ئىلتىماس قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2018.07.13 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باج تاپشۇرغۇچى يانفوندا «سۈرەتكە تارتىش»، «سىكاننېرلاش» ئارقىلىق، ئالاقىدار ئىسپات، گۇۋاھنامىلەرنى باج ئىدارىسىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق باج مەلۇم قىلىشنى تاماملىيالايدۇ؛ «يېڭىدىن قۇرۇلغان باج تاپشۇرغۇچىلارنى تىزىملاش»تا 10 مىنۇتتا 17 خىل كەسىپنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ، «ئىككى تەرەپكە قاتراش»تىن خوشلىشالايدۇ. 12-ئىيۇل جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇر پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى سىستېمىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سىستېما دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باج كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدىكەن، بارلىق باج تۈرلىرىنى بىر توردا ئىلتىماس قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ.

  ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى نۇسخىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى سىستېمىسى باجغا ئالاقىدار سەككىز چوڭ تۈردىكى كەسىپلەر، كېڭەيتىلگەن باجغا دائىر توققۇز تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر، 135 تۈرلۈك مۇلازىمەت ئىشلىرى، 772 تۈرلۈك ئىنچىكە ئايرىلغان باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەمەلىي گەۋدىدىكى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت زالىنىڭ بارلىق كەسىپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى. باج تاپشۇرغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىدا باج تىزىملىتىش، باج مەلۇم قىلىش، تالون ئىلتىماس قىلىش، ۋاكالىتەن تالون كېسىش قاتارلىق باجغا چېتىشلىق بارلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ، باج مەلۇم قىلىش سىستېمىسى 10 جەدۋەلنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەلۇمات جەدۋىلى تولدۇرۇشتىكى %90تىن ئارتۇق خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ ئالتۇن باج قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرىنىڭ ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغۇچىسى بولغان ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە 100گە يېقىن كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئاپتوماتىك باج تاپشۇرۇش زالى قۇرۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق مۇلازىمەتچىسىز تېرمىنالنى ئىشقا سالدى. باج ۋاكالەتچىلىكىنى مىسالغا ئالغاندا، ئىلگىرى تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى جەزىملەشتۈرۈش، باج تۈرىنى تىزىملىتىش، مالىيە تۈزۈمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تىزىملاش قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان باج تاپشۇرغۇچىلار ئىشلىرىنى بېجىرىشتە نەچچە تەرتىپنى تاماملاپ، نۇرغۇن قېتىم جەدۋەل تولدۇرۇشتىن باشقا، يەنە بانكا، باج ئىدارىسى ئارىسىدا قاتراپ، ئاز دېگەندە بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر، «يېڭىدىن قۇرۇلغان باج تاپشۇرغۇچىلارنى تىزىملاش تېرمىنالى»دىكى قاراتمىلىق ئاددىي مۇلازىمەت ئارقىلىق، بىر قېتىمدىلا 17 خىل كەسىپنى 10 مىنۇتتا ئاپتوماتىك بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر