جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قىرغۇچى — 10A تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇش مەشىقى قىلىپ، خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلماقتا (11- ئىيۇل تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇل جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى - 2018»كە قاتنىشىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھاۋا ئارمىيەسى بومباردىمانچى — K6 بەلگىلىك ئايروپىلانى، قىرغۇچى — 10A تىپلىق ئايروپىلانى، قىرغۇچى بومباردىمان — 7A بەلگىلىك قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋە ئىل - 76 بەلگىلىك، تىرانسپورت – 9 بەلگىلىك ئايروپىلانى قاتارلىق بەش تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە بىر پاراشوتچىلار شۆبە ئەترىتىنى رۇسىيەگە ئەۋەتىپ، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى – 2018»كە قاتناشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بومباردىمانچى- K6 بەلگىلىك ئايرۇپىلان ۋە تىرانسپورت – 9 بەلگىلىك ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
«خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى— 2018» رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەشەببۇس قىلغان خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى بولۇپ، جۇڭگو ۋە رۇسىيە، بېلورۇسىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئەرمىنىيە، ئىران قاتارلىق يەتتە دۆلەت بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىدۇ. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەدىكى ريازانىسكايا ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاۋىياتسىيە ئۇچار خەنجىرى» تۈرى ۋە چېليابىنىسكايا ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پاراشوتچىلار ۋىزۋودى» تۈرى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.
ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش — ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى نۆۋەتتە دېڭىز، يىراق ئوكيان ۋە ئېگىزلىك، تاغ جىلغىسىغا قاراپ كېڭەيمەكتە. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ ئۆستۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى