باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈچ قېتىملىق يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

يېڭىچە پۇل مۇئامىلە جىنايىتىگە قانۇن تەدبىقلاش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2018.07.13 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇل، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رەسمىي ھالدا 10-تۈركۈمدە يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئۈچ دېلو مىسالىنىڭ ھەممىسى پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە ساھەسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدۇ. ئالىي خەل تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى دوڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە جىنايىتى ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىشى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشقا پائال قاتنىشىش روشەن مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ كۆرۈلىدىغان قىيىن ۋە يېڭىچە پۇل مۇئامىلە جىنايىتىگە قانۇن تەدبىقلاش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇ خىل دېلو بېجىرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ. «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو مىسالى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارنى بېجىرگەندە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان دېلو مىسالىدىن پايدىلىنىپ يۈرگۈزىشى لازىم.

  بۇ ئۈچ يېتەكچى دېلو مىسالى بولسا ئايرىم-ئايرىم جۇ ۋېيمىڭنىڭ ئاكسىيە بازىرىنى كونترول قىلىش دېلوسى، جوۋ خۈينىڭ مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى دېلوسى ۋە يې جىڭشېڭ قاتارلىقلارنىڭ شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش دېلوسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغان، مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەسىرگە ۋە تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە پۇل مۇئامىلە جىنايىتى دېلو مىساللىرىدۇر. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىساللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ قېتىم شەكىل جەھەتتىن ۋە تەرەققىيات پىكىر يولى جەھەتتىن بىر قەدەر چوڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەڭشەش قىلغان. دېلو ئەھۋالى، ئاساسىي پىكىر (ئىدىيە)، دەۋا جەريانى، ھۆكۈم–كېسىم نەتىجىسى ۋە تىپىك ئەھمىيىتى بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە «جىنايىتىنى ئەيىبلەش بىلەن ئىسپاتلاش» مەزمۇنى قوشۇلغان بولۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالىدىكى «تەپتىش» ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر