باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدىكى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى %5 ئەتراپىدا ئۆسىدۇ

2018.07.13 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، شىنجاڭدىكى كارخانا، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى يەنە داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى. ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسى 2017-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %5تى ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. تەڭشەش ۋاقتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. تەلەپكە ئاساسەن، ھەر قايسى ۋىلايەت-شەھەرلەر بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشىپ، تەڭشەش ئارقىلىق قوشۇلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى پېنسىيەگە چىققانلارغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

  تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش دائىرىسى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى ئۆتىگەن ۋە ئايدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىۋاتقان پىنسىيەگە چىققان خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدىكەن. دەم ئېلىشقا چىققان ھەمدە ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقانلار ئەسلىدىكى ئەمگەك-كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك-كادىرلار سۇغۇرتىسى (3-1983) نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئۆلچەملىك ئىش ھەققىنى داۋاملىق ئېلىۋاتقان پېشقەدەم ئىشچىلار بۇ قېتىمقى پېنسىيەگە چىققانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭشەش دائىرىسى ئىچىگە كىرمەيدىكەن.تەڭشەش ۋاقتى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان تەڭشەلگەن سومما تولۇقلاپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر