خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرى قىزىل بايراق شەرقىي يولىدا، بىر تۇرۇببا يولىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ماشىنا ئادىمى سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسى ئىچىدە مەشغۇلات قىلماقتا.
يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرى كەلكۈن مەزگىلىگە قەدەم قويدى، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنتەي شەھەرلىك شەھەردىكى سۇلارنى چىقىرىۋېتىش باشقارمىسى تۇرۇبا يولىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ماشىنا ئادىمىنى ئىشلىتىپ، تۇرۇبا تورىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ تىپلىق ماشىنا ئادەم ئوق يۆنىلىشلىك 360 گىرادۇسلۇق ئايلانما كامېرا، چوڭ قۇۋۋەتلىك LED يورۇقلۇق مەنبەسى ۋە دەرقەملىك يوللاش ئىقتىدارى ئارقىلىق، خىزمەتچىلەرنىڭ توسۇلۇپ قالغان ۋە چىرىگەن نۇقتىلارنى تېز، توغرا تېپىپ، ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشنى بالدۇراق قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى