باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەن جېڭ: جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2018.07.13 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدا تەكشۈرۈش تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. خەن جېڭ راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئىستېمال خاراكتېرلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، نامراتلارنى داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە يۆلەش، داۋالىنىش-قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسىدا مەشغۇلات قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سەرخىللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر