باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تەنتەربىيە + ساياھەت» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇزتاغ تاغقا چىقىش بايرىمى باشلاندى

2018.07.12 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە گېرمانىيە، گوللاندىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4500 مېتىر كېلىدىغان مۇزتاغ چوڭ چېدىرىغا يىغىلىپ، مۇزتاغ تاغقا چىقىش بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  «مۇز تاغلارنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان مۇزتاغ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان ئۈچىنچى ئېگىز چوققا. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7509 مېتىر كېلىدۇ، تاغ گەۋدىسى غايەت زور بولۇپ، يىل بويى قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يامىشىش يانتۇلۇقى بىر قەدەر كىچىك، تاغقا چىقىش مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولغاچقا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.گوللاندىيەدىن كەلگەن تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى مارك مونستېس مۇنداق دېدى: مۇزتاغ چوققىسى ئىزچىل مېنىڭ تاغقا چىقىش ئارزۇيۇمدىكى جاي. بۇ قېتىملىق تاغقا چىقىش بايرىمى مېنىڭ ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى، چوققىغا ئوڭۇشلۇق چىقالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بەنفۇ (بېيجىڭ) مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى چيەن خەييىڭ مۇنداق دېدى: 2004-يىلى، ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇزتاغ چوققىسىغا چىققىنىم ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمە. بۇ جايغا يەنە قايتا كەلگىنىمدە، تېنىمدىكى پۈتۈن قان تومۇرلار مەن بىلەن بىرلىكتە ھاياجانغا تولدى.شۇ كۈنى، جەمئىي 11 تارماق دالا تاغقا چىقىش كۇلۇبى ئۆمىكى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 200گە يېقىن تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى بايرامنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تاغقا چىقىش بايرىمى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئارىلىقتا يەنە مۇزتاغ چوڭ چېدىرىدا جامائەت پاراۋانلىقى مۇھىت ئاسراش، كىنو قويۇش، دالا بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەربىيەسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر