- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سودا مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ كەسىپ سىياسىتى بازارنىڭ بۇرمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دېدى
2018.07.13 16:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 12-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ كەسىپ سىياسىتى بازارنىڭ بۇرمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دېدى.
گاۋ فېڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بار، مۇۋاپىق كەسىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھوقۇقى بار. تارىختىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مالىيە مىنىستىرى ھامىلتون دەسلەپكى كەسىپ سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى، ھەربىي سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە كەسىپ گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويغان ھەمدە خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى تېزلىشىۋاتقان شارائىتتا، بىز پەرقلىق، قوغداش خاراكتېرلىك كەسىپ سىياسىتىگە قارشى تۇرىمىز، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان تەرەققىيات سىياسىتى، كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش، ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىشىش، رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ سۈپىتى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر