باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ گاڭ دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

ياۋ گاڭ 69 مىليون 610 مىڭ يۈەن پارا ئالغان دەپ ئەيىبلەندى

2018.07.12 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، 2018-يىلى 7- ئاينىڭ 11-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ گاڭنىڭ پارا ئېلىش، يوشۇرۇن سودىلىشىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. خەندەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار ياۋ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا بېرىپ شىكايەتكە قاتناشتى.

  خەندەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2006- يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جاۋابكار ياۋ گاڭ جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى سېتىۋېلىپ قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، پاي ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدىكى پاي چېكىنى توختىتىپ بىرژىغا قايتا كىرگۈزۈش، مەمۇرىي جازادىن ساقلاش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن؛ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن جەمئىي 69 مىليون 610 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پۇل-مالنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان. 2007-يىلى 1-ئايدىن 4- ئايغىچە، جاۋابكار ياۋ گاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى رەئىسىنىڭ ياردەمچىسى، قوشۇمچە تارقىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ بازارغا چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئۇچۇرنى ئىگىلەپ، ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلغان باشقىلارنىڭ پاي چېكى ھېساباتىنى ئىشلىتىپ، مۇناسىۋەتلىك پاي چېكى سودىسى توختاشتىن بۇرۇن سېتىۋېلىپ، بىرژىغا قايتا كىرگەندىن كېيىن سېتىپ چىقىرىپ، جەمئىي 2 مىليون 100 مىڭ يۈەن قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن. يۇقىرىلارغا ئاساسەن پارا ئېلىش جىنايىتى، يوشۇرۇن سودىلىشىش جىنايىتى بويىچە ياۋ گاڭنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش لازىم.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، ياۋ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى تەرەپلەر پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، ياۋ گاڭ ئاخىرىدا سۆز بايان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاۋاپكارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 50 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  ئەڭ ئاخىرىدا سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر