باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بانكىسى كەيپىڭ شۆبە بانكىسى دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى شۈ چاۋفەن ئامېرىكىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىندى

2018.07.12 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا تارماقلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكىلى 17 يىلدىن ئاشقان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەت گۇماندارى شۈ چاۋفەن 11-ئىيۇل جۇڭگوغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىندى.

  مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىيە، ئەدلىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق تارماقلار ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماسلىق روھى بىلەن 10 يىلغا سوزۇلغان قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو-ئامېرىكا قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقى بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى گۇرۇپپىسى شۈ چاۋفەن دېلوسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش نۇقتىلىق دېلوسى قىلىپ بېكىتىپ، ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو-ئامېرىكا قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە سىياسەت تەسىرى بىلەن، شۈ چاۋفەن ئاخىرى قايتۇرۇپ كېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلدى. ھازىرغىچە، دېلو بېجىرگۈچى ئورۇن ۋە جۇڭگو بانكىسى چېگرا ئىچى-سىرتىدىن شۈ چاۋفەن دېلوسىغا چېتىشلىق 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋالدى.

  شۈ چاۋفەننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇلۇپ كېلىنىشى جۇڭگو-ئامېرىكا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى چېگرا سىرتىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن تۇنجى جىنايەتچى گۇماندارى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر