باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك 20 ئىقتىسادىي گەۋدە قاتارىغا كىردى

2018.07.12 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى، ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى، ياۋروپا سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ 10-ئىيۇل نىيۇيوركتا 2018-يىللىق دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك 20 ئىقتىسادىي گەۋدە قاتارىغا كىرىپ، 17-ئورۇندا تۇرۇپ، تۇنجى شۇنداقلا بىردىنبىر ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئوتتۇرھال كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان. بۇ جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ خۇشاللىنارلىق نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

  دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى بىر تەپسىلىي مىقدارلاشتۇرۇش قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق قىسمى دۇنيا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە نەتىجىسىنىڭ رەت تەرتىپىدىن تەركىب تاپقان. دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى 80 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بويىچە 126 ئىقتىسادىي گەۋدىنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ، بۇ كۆرسەتكۈچلەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش نىسبىتى، كۆچمە ئەپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مائارىپ چىقىمى ۋە پەن-تېخنىكا نەشر بويۇمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  2018-يىللىق دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنياغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشايلى». بۇ يىللىق دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىلىق ياراتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كېڭەيتتى. دوكلاتتا يەنە ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش چىقىمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى باھالىنىپ، شىۋېيتسارىيە، لىيۇكسېمبۇرگ ۋە جۇڭگو ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر