- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇلتۇر ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن تور ئەھلى 40 مىليونغا يەتتى
يان تېلېفوندا چىقىم قىلغان ئابۇنىتلارنىڭ سانى 500 مىليوندىن ئاشتى
2018.07.16 16:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئالاقە تورى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات دوكلاتى 2018»دە كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ كۆلىمى 772 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن تور ئەھلى 40 مىليون 740 مىڭغا، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %55.8 كە يەتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ توردا مال سېتىۋېلىش بازىرى سودىسىنىڭ كۆلىمى 7180 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.2 ئاشقان. توردا چىقىم قىلىش جەھەتتە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرغىچە، جۇڭگونىڭ توردا چىقىم قىلىش ئابۇنىتلارنىڭ كۆلىمى 531 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 56 مىليون 610 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %11.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يان تېلېفوندا چىقىم قىلىدىغان ئابۇنتلارنىڭ كۆلىمى تېز ئېشىپ، 527 مىليون ئادەمگە يەتكەن، 2006- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 57 مىليون 830 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى %12.3 بولغان.
كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى تور ئەھلىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، ئىلىمىزدىكى يان تېلېفون تور ئەھلىنىڭ كۆلىمى 753 مىليونغا يەتكەن. 2017- يىلى يان تېلېفون بىلەن تورغا چىققان ئادەملەر توپى 2016- يىلىدىكى %95.1دىن %97.5كە ئۆستۈرۈلۈپ، يان تېلېفون ئەڭ ئاساسلىق كۆچمە تورغا چىقىش ئۈسكۈنىسىگە ئايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر