باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلى: ھەر قانداق بىر تەرەپلىك سودا تەدبىرى ئۈنۈم بەرمەيدۇ، دېدى

2018.07.16 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گونزالېس يېقىندا: نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ۋە تايىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا، شۇڭا ھەر قانداق بىر تەرەپلىك سودا تەدبىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۈنۈمى بولمايدۇ، دېدى.

  گونزالېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا قورۇقچىلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوغدىيالمايدۇ، بۈگۈنكى دۇنيا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا دۇنياۋى ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ مۇھتاج. كۆپ تەرەپلىك بولۇش ھەمكارلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، ھەمكارلىشىش ئۆزئارا مۇرەسسە قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. «بۇ، ساددا شوئار ئەمەس، بەلكى تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلاردىن چىقىرىلغان ھەقىقىي چىقىش يولى».

  گونزالېس يەنە جۇڭگونىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، مۇلازىمەت بازارلىرىنى ئېچىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ، بۇ نەتىجىلەر دۇنياغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدە ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدى.

  گونزالېس: جۇڭگو مۇقىم ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى تەرەپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بازارنى ئېچىۋېتىش، سۆھبەتكە قاتنىشىش، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشتى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر