- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رۋاندا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، ماۋرىتىئۇستىن ئۆتىدۇ ۋە دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ
2018.07.13 14:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 12-ئىيۇل مۇنداق جاكارلىدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىفە، سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى سالل، رۋاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كاگامى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافوسانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇلدىن 24-ئىيۇلغىچە يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافوسانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئىيۇلدىن 27-ئىيۇلغىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى تاماملاپ ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، قايتىش سەپىرىدە ماۋرىتىئۇستىن ئۆتىدۇ ۋە دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر