باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىچىدە كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى

2018.07.16 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىرلىشىپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇش بويىچە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 14-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» بويىچە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئىچىدە ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭلىق ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە كىملىك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنى يەنىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۆ چى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمەن، نوپۇس تەۋەلىكى شىنجاڭدا بولغان ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان، گۇۋاھنامە بۇزۇلغان ياكى يوقاپ كەتكەن بولسا، شىنجاڭ دائىرىسىدە نوپۇس دەپتىرى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ياكى پاسپورت (ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىچىدە بولغان) ئەسلىي نۇسخىسى ئارقىلىق ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  قوبۇل قىلغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نەق مەيداندا سۈرەت، بارماق ئىزى ئۇچۇرلىرىنى ئالىدۇ، نوپۇس تەۋەلىكىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويىدۇ، ج خ نازارىتى كىنىشكا مەركىزى بىر تۇتاش تەييارلىغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تارقىتىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئامما ئەھۋالغا قاراپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئارقىلىق بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر