باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تۇنجى تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان تارماق ئەترىتىدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كوللېكتىپ ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «تىنچلىق شەرەپ ئوردېنى»غا ئېرىشتى

2018.07.16 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تۇنجى تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان تارماق ئەترىتىگە ئوردېن بېرىش مۇراسىمى 15-چېسلا سۇدان دارفۇرنىڭ فاشىرغا جايلاشقان ھەربىي گازارمىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى 140 ئوفىتسېر-ئەسكەر كوللېكتىپ ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «تىنچلىق شەرەپ ئوردېنى»غا ئېرىشتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ دارفۇردا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە بىرلەشمە ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى مامابولو ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، «جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان تارماق ئەترىتىنىڭ دارفۇر رايونىدىكى تىنچ قايتا قۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خىزمىتىدىكى ئىپادىسى ئەلا، كۆپ تەرەپلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ دارفۇردا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئالاھىدە ئۆمەكلىرىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ، مەن سىلەردىن پەخىرلىنىمەن»، دېدى.

  جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش تىك ئۇچار ئايروپىلان تارماق ئەترىتى نۆۋەتتە 800 سائەتكە يېقىن بىخەتەر ئۇچۇشنى تاماملاپ، 5000چە كىشىنى، 200 توننىغا يېقىن تۈرلۈك ماددىي ئەشيا-ئۈسكۈنىلەرنى توشۇپ يەتكۈزدى. تۆت تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ مۇساپىسى دارفۇردىكى ۋەزىپە رايونىنىڭ 15 ۋەزىپە نۇقتىسىنى تولۇق قاپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر