باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى ئېلان قىلىندى

بىخەتەر، ئېھتىياتچان، ئۇزاق مۇددەتلىك، پۇختا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىندى

2018.07.17 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغنىڭ بىخەتەر، ساغلام بولغان يۈرۈشۈشى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇزارتىلما سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ (تۆۋەندە «چارە» دەپ ئىشلىتىلىدۇ)، ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە نىسبىتى، مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 5-ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ، مەھسۇلاتتا «پايدىسى مۇقىم بولۇش، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇش، بىر ئۆمۈر ئېلىشقا بولىدىغان بولۇش، ئىنچىكە ھېسابلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش»نى لايىھەلەش پىرىنسىپ قىلىنىپ، مەبلەغ سېلىش-يۈرۈشتۈرۈش بىخەتەرلىكلىكى، پايدىسى ۋە يۆتكىلىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە باشقۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كۆچمە مۈلۈك، مۇقىم پايدا تۈرىدىكى مۈلۈك، ھوقۇق تۈردىكى مۈلۈك، كۆچمەس مۈلۈك تۈرىدىكى مۈلۈك ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە مۈلكى قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا بولىدۇ، بىخەتەر، ئېھتىياتچان، ئۇزاق مۇددەتلىك، پۇختا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنغان ئاساستا، مەبلەغنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن مۈلۈك قەرزى ۋە خېيىم-خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇپ، بازارلىشىش ۋە كەسىپلىشىش يۈرۈشۈشىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ. ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، كەسىپ سىياسىتى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن ساھەلەرگە قاتنىشىشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: بانكا ۋە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومېتىتى بەلگىلىگەن سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى، فوند شىركىتى قاتارلىق كەسپىي مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇزارتىلما باج كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولالايدۇ. كونكرېت تەلىپى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 500 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ساپ مۈلكى 1 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ھاۋالە مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى بولۇشى ھەم نەتىجىسى ياخشى، مۇقىم بولۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرۇدىغان غەيرىي پۇل تۈرىدىكى مۈلۈك باشقۇرۇش ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر