باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى

2018.07.17 14:44   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- چېسلا دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانسارىيىدا 20- قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارلىرى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدۇر. جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل-ھەققانىي بولۇش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدا، ياۋروپا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىزچىل تۈردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مۇھىم كۈچ دەپ قاراپ كەلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى پائال تۈردە ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايونلاردىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغدىشى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى قوغدىشى، قوللىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ئۈنۈملۈك بولغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو-ياۋروپا مەدەنىيەت سۆھبىتىنىڭ يېڭى ساھە ۋە يېڭى ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھەم ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ بازار ۋە ئىككى چوڭ مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچكە ئىگە قىلدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…