باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ھېسابلاش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم قارا ئۆڭكۈرنىڭ قاراڭغۇ ماددا گەردىشى ئىچىدىكى ئوپتىكىلىق سايىسىگە ئېرىشتى

2018.07.17 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قارا ئۆڭكۈر سايىسى دېگىنىمىز، قارا ئۆڭكۈر كەينىدىكى يىراقلىقتا بىر نۇر مەنبەسى بار بولغاندا، يەر شارىدا تۇرۇپ كۆزەتكۈچىلەر كۆرگەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ بوشلۇقتىكى كۆلەڭگىسى بولۇپ، بۇمۇ ئېينشتېيننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى. يۈننەن رەسەتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ھېسابلاش ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ قاراڭغۇ ماددا گەردىشى ئىچىدىكى ئوپتىكىلىق سايىسىگە ئېرىشتى، تەتقىقات نەتىجىسى داڭلىق خەلقئارالىق ژۇرنال «كوسمولوگىيە ۋە زەررە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى.

  قارا ئۆڭكۈرنىڭ سايىسىنى كۆزىتىش قارا ئۆڭكۈرنى بىۋاسىتە كۆزىتىشنىڭ بىر خىل مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت- بوشلۇقتىكى قارا ئۆڭكۈر سايىسىنى تەتقىق قىلىش ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە. چەت ئەلدە قۇرۇلۇۋاتقان «قارا ئۆڭكۈرنى كۆرۈش تېلېسكوپى»نىڭ ئىلمىي نىشانى دەل سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈر قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى A يۇلتۇزى ۋە سۇنبۇلە يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈر M87نىڭ كۆلەڭگىسىگە ئېرىشىش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر