باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى راكقا تاقابىل تۇرغۇچى دورىلار ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى 2018- يىللىق مەخسۇس سۆھبىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن

2018.07.17 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى راكقا تاقابىل تۇرغۇچى دورىلار ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى 2018- يىللىق مەخسۇس سۆھبەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ئالاقىدار ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قىسمەن كارخانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۆسمىنى مەركەزلىك داۋالاش، دورىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سۇغۇرتا كارخانىلىرى بىمارلارنىڭ كۆپ تەرەپلىك مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. چەتئەل مەبلەغ سالغان 10 كارخانا بىلەن سەككىز ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. كېيىنكى باسقۇچتا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى تېزدىن سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا، باھاسى تېخىمۇ تۆۋەن ھەمدە جاننى قۇتقۇزىدىغان دورىلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  2017- يىلى، ئىجازەت سۆھبىتى ئارقىلىق، راكنى داۋالاشتا داۋالاش ئۈنۈمى ھەقىقىي، لېكىن باھاسى قىممەت بولغان خېسەيتىڭ، مېيلوخۇا، ۋەنكې قاتارلىق 15 خىل دورا داۋالىنىش سۇغۇرتا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، بىمارلارنىڭ دورا ئىشلىتىش خىراجىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر