خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 16- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن 20- قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تۈردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قوللايدۇ، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن يەنە ئىتتىپاق بولۇشى، مۇقىم بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ قېلىشىنىمۇ ئۈمىت قىلىدۇ. جۇڭگو يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى