باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىڭخەيدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى

2018.07.16 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈنشيەن 7- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە ئەترەت باشلاپ چىڭخەي ئۆلكىسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ياخشى يولغا قويۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ھەمدە شىنىڭ شەھىرى، خەيبېي ئوبلاستى، خەينەن ئوبلاستى ۋە خەيدۇڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش، ئاساسىي قاتلام سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىنما بۇيۇملىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئېكولوگىيەلىك ماركىنى ياخشى تىكلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، پۈتۈن مۇساپىلىك سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى ئىگىلەپ، سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى، بازار ئىجازىتى تۈزۈمى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر