باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سەككىز كىچىك ئىشقا رىئايە قىلغاندا، دوۋساق راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

چاچنى ئازراق بويىتىپ، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش، كىچىك تەرەتنى قىسماي، ۋىتامىن E تولۇقلاش لازىم

2018.07.16 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى سۈيدۈك يولى ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لو خوڭ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 26 ياشلىق بىر ئەرنىڭ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، كېسەللىك تارىخى سورالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ چاچ بوياشقا ئىنتايىن ئامراقلىقىنى، ئاساسەن ئايدا بىر قېتىم بويىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، دائىم سۈيدۈكنى قىسىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن دوۋساق راكىنىڭ پەيدا بولۇشى زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  كۆپچىلىكنى شۇنداق ئەسكەرتىمىزكى، تۇرمۇشتا بەزى كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلغاندا، دوۋساق راكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يىراقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  بىرىنچى، چاچنى بوياتماسلىق، كۆپ مايلاتماسلىق. ئۇزاق مۇددەت قايتا-قايتا چاچ بوياش دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چاچ بوياشنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا ھەر يىلى پەقەت بىر قېتىم چاچ بويىتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئامال بار چاچ مايلاتماسلىق لازىم.

  ئىككىنچى، تاماكا چەكمەسلىك، مەلۇم خىلدىكى ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان دورىلارنى زور مىقتاردا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن، ئەرلىك، ئاياللىق گورمون تۈرىدىكى دورىلار، بەزى تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار قاتارلىقلار.

  ئۈچىنچى، ئانىلىن تۈرىدىكى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ بوياقچىلىق، سۇۋالغۇ، بېزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى خادىملار ئۆزىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتىش لازىم. دوۋساق ئىچىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ، شىللىق پەردىنى غىدىقلاپ، راك پەيدا قىلىش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇسساپ كەتكەندە ئاندىن سۇ ئىچىش ئەمەس، ئادەتتە ھەر ۋاقىت سۇ ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، كىچىك تەرەتنى قىسماسلىق كېرەك. كىچىك تەرىتىنى قىسىش ئادىتى بارلارنىڭ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئۈچتىن بەش ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.

  ئالتىنچى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى، دوۋساق ئىچى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  يەتتىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىش لازىم، دوۋساق ئەينىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى بالدۇر دىياگنوز قويۇش ۋە ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  سەككىزىنچى، ۋىتامىن E تولۇقلاش لازىم. ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قۇرۇق مىۋە، زەيتۇن يېغى قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، دوۋساق راكىنىڭ خەۋپ- خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر