باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەمشەر تور 2018» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى--

توردىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش دېگەندەك نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتىلغان نەشر ھوقۇقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى

2018.07.17 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ، توردا ھوقۇققا چېقىلىش، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىشتەك قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنىڭ «شەمشەر تور 2018» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى نەشر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ سىكې ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شەمشەر تور 2018» ھەرىكىتى تور ئارقىلىق ھوقۇققا چېقىلىشتەك كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھەلەرنى نۇقتىلىق نىشان قىلىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەركەزلىك ھالدا تۈزەش ۋە يېتەكلەش-قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلەر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۆھبەت ئارقىلىق تۈزىتىش، مەمۇرىي جازا ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، توردىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش، قىسقا فىلىم ۋە كارتون فىلىم قاتارلىق ساھەلەردە ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى مەركەزلىك تۈزەپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بىلىمدە ئورتاقلىشىش ۋە ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق قاتارلىق سۇپىلارنىڭ نەشر ھوقۇقىنى تارقىتىش تەرتىپىنى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تور تېلېۋىزىيەسى، تور مۇزىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئەمەلىي دۇكان ۋە توردىكى بۇلۇت ساقلاش بوشلۇقى قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس تۈزەش نەتىجىسىنى چوڭقۇر مۇستەھكەملەپ، ساپ ۋە پاكىز تور تەرتىپىنى قوغداپ، ياخشى تور ھوقۇقى مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر