باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۆزىمىزگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا پايدىلىق

2018.07.18 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۈگۈن ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يەن پېڭچېڭ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ مۇھىتى، سىياسەت مۇھىتى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئاساسى ھازىرلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ئۆزىمىزگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا پايدىلىق.

  بۇيىل 6- ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى«چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى(2018- يىلى نەشرى)»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنۇلارنى سورىدى: نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان بەزى ئاۋازلار "بۇنداق كەڭ ئېچىۋېتىلسە، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپكە زەربە بېرىلىشى مۇمكىن." دېگەن مەسىلىگە ئەندىشە قىلماقتا، بۇنىڭغا قانداق قاراش كېرەك.

  يەن پېڭچېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى، ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بارغانسىرى كېڭەيگەن ۋە ئېچىۋېتىلگەن جەريانى ھېسابلىنىدۇ. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرىدۇر. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى ئېچىۋېتىش تەدبىرىدە چەتئەل مەبلىغى ئىجازىتىنىڭ ئىككى پاسسىپ تىزىملىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇمۇ ئېلىمىزنىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  يەن پېڭچېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ كەسىپ مۇھىتى، سىياسەت مۇھىتى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بىزدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە ئاساس ھازىرلاندى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش بولسا، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر