باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ، ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشتە پەلەمپەيسىمان ھەق نىسبىتىنى يولغا قويماقچى بولدى

2018.07.18 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17- ئىيۇل جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: بېلەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەمدە يولۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «خەلق ئاۋىياتسىيەسى بېلەت ئىشلىرى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئاۋىياتسىيە شىركىتى،OTA سۇپىسى (توردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى سۇپىسى) ۋە ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش جەھەتتە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بەش جەھەتتىن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەتنى قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەققى ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش توغرىسىدا قېلىپلاشتۇرۇش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېلەتنى قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەق ئېلىشتا، پەلەمپەيسىمان ھەق نىسبىتىنى تۈزەش تەلەپ قىلىندى، يەنى ئوخشاش بولمىغان بېلەت باھا سەۋىيەسى ۋە ۋاقىت قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مۇۋاپىق بولغان پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشتە بىردەك يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئاددىي بەلگىلەشكە بولماسلىق تەلەپ قىلىندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى باھانى ئېنىق يېزىپ قويۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئورگان تور بېكىتى ۋەAPP قاتارلىق يوللاردىكى كۆرۈنەرلىك ئورۇندا ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچىلارنىڭ كىرا ھەققى تۈرى، سەۋىيەسى، بېلەتنى قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتبىقلاش شەرتىنى ۋاقتىدا، ئېنىق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلىپ، يولۇچىلار ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدا، يولۇچىلارغا بېلەتنى قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى دېگەندەك شەرتلىرىنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر