باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ بولۇپ قالدى

يولغا قويۇش قانچە چوڭقۇر، قانچە ئۇزۇن بولسا، قۇدرەتلىك يېتەكلەش كۈچى شۇنچە نامايان بولىدۇ

2018.07.18 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا تۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئاۋۋال تاماملاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى... «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»دىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ» ئارقىلىق، جېجياڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنىڭ «دەرۋازىسى»نى ئاچتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جېجياڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىزچىل مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ كەلدى. بىراق، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، جېجياڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ماكرولۇق تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە، بازار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكى ئاجىزلىشىۋاتقان قوش بېسىمغا دۇچ كەلدى. ئېشىش ئۇسۇلى يىرىك بولۇش، كەسىپ قاتلىمى تۆۋەن بولۇشتەك قىيىن ھالەتنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىپ كېتىش ئەھۋالىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ 2003-يىلى 7-ئايدا، شۇ چاغدىكى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى سەككىز ئەۋزەللىكنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يۈزلىنىشتىكى سەككىز تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ جېجياڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان ئومۇمىي پىروگراممىغا ئايلاندى.

  ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر. ئۆلكىلىك پارتكوم «قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى چېكىندۈرۈپ چىقارغان تەرەققىيات بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  «قەپەستىكى قۇشنى يېڭىلاش» ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن «ئاز يەپ، كۆپ تۇخۇم تۇغىدىغان، يىراققا ئۇچىدىغان» «ئېسىل قۇش»لار ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. يۈخۇەندە 59 كونا سانائەت نۇقتىسى ئۆزگەرتىلىپ، سۇپور، IDC قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانىلار كىرگۈزۈلدى؛ جۇجى شەھىرى داتاڭ بازىرىدىكى پايپاق كارخانىلىرى ئىلگىرى بىر جۈپ پايپاقتىن ئاران بىر مودىن كۆپرەك پايدا ئالالايتتى، ھازىر ياخشى ماركىنى نەچچە يۈز يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. ئىلگىرىكى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى كارخانىلاردا «يولۋاس» يوق، پەقەت «بۆرىلەر توپى» بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە جىلى، ۋاخاخا ، ئەلى بابا قاتارلىق «يولۋاس»لار توپلاندى.

  «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى» پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىدى. 2004- يىلى، جېجياڭدا «ئۈنۈم قۇرۇلۇشىدىكى ‹تۆتنى مەنئىى قىلىش›» تۈزۈپ چىقىلدى، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، جېجياڭ خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈچ ئايلانما مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، «تۆت تىزىملىك، بىر تور»، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىزدىنىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. بۇ، «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخا»دىكى يېڭى ئۇسۇللارنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى «خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» بولۇپ، «ئىچىدىن تېشىغىچە گۈزەل» بولغان خىزمەت نەتىجىسى قارىشىنى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئاممىنى يۇقىرى نىسبەتتە رازى قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر