باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

2018.07.19 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «فېدېراتسىيە گېزىتى» ۋە «پۇقرالار گېزىتى»دە «قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» تېمىسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  خەلىپە زۇڭتۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ، مېنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى زىيارىتىمدىكى تۇنجى بېكەت. شۇنداقلا مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى.

  جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى يىپەك يولى ئارقىلىق باردى-كەلدى قىلىشىپ، ئۆزئارا يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. 7- ئەسىردە، ئىككى تەرەپ يەنە دېڭىز سودا ئالاقە يولىنى ئاچقان، جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى ۋە فارفۇر بۇيۇملىرى ئەرەب يېرىم ئارىلى، شەرقىي ئافرىقا ۋە ياۋروپاغا سېتىلغان، ئەرەبلەرنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە مەرۋايىتلىرىمۇ ھىندى ئوكيان ئارقىلىق كېمە بىلەن جۇڭگوغا توشۇلغان.

  1984-يىلى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئۆتكەن 34 يىل، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر راۋاجلانغان، ئەل ئارا ئالاقە جانلانغان مەزگىل بولدى، 2008- يىلى جۇڭگو سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئىئانە قىلغان 50 مىليون دوللاردا ئەكس ئەتكەن چىن دوستلۇقنى جۇڭگو خەلقى ئۇنتۇمايدۇ. ئۆتكەن 34 يىل، ئىككى دۆلەت تېز تەرەققىي قىلغان، ياۋروپا -ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى بېشىدا تەرەققىيات مۆجىزىسى ياراتقان مەزگىل بولدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى تەرەققىيات بوستانلىقىغا ئايلاندى. ئۆتكەن 34 يىل، ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن مەزگىل بولدى، ئىككى دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا تېز ئاتلىنىش بىلەن بىللە، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىياسەت نىشانى يېقىن كېلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق رىشتىسى بارغانسېرى چىڭىپ، تەرەققىيات، قۇرۇلۇش داۋامىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان سەمىمىي دوستلارغا، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىنى ماسلاشتۇرىدىغان مۇھىم ھەمراھلارغا ئايلاندى.

  2012- يىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان دېڭىز قولتۇقىدىكى تۇنجى ئەرەب دۆلىتى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى تېز راۋاجلىنىپ، مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتى. بولۇپمۇ 2015- يىلى 12- ئايدا، ئابۇزابى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بىز جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر