باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2018.07.19 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلىم- پەندىكى سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قېلىپلاشقان ئىلمىي ئەخلاق بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىدىكى تەتقىق قىلىش ۋە يېزىش جەريانىغا بولغان يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنىڭ مۇستەقىل تاماملانغان- تاماملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئىجادىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن ئىلمىي ئۇنۋان ماقالە سودىسى، ۋاكالىتەن يېزىپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ جاۋابكارلىق سۇبيېكتى بولۇپ، ئورۇندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى، ئىلىم-پەن كومىتېتى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسىنى ئومۇمىي جەريان بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ماقالىنى ئېلىپ سېتىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا بايقىشى ھەمدە دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى بولۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسەت- تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىش ھالقىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشى لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋەزىپىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىدە سېتىۋېلىش- سېتىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىلىرىنى سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىكار قىلىش لازىم. ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. بىكار قىلىنغان ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تىزىملانغان بولسا، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ھەمدە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا يوللاپ، ئىناۋەتسىزلىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر