خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 16-ئىيۇل فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا كۆرۈشتى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ھالىتىنى نامايان قىلدى، لېكىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ شەكلى مەزمۇنىدىن مۇھىم بولۇپ، ئىككى تەرەپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنامدۇ-يوق؟ تېخى ئېنىق ئەمەس.
رۇسىيە فېدراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى)نىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو مۇنداق دېدى: رۇسىيە-ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى نورمال سىياسىي سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇش، نورمال ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ كونكرېت نەتىجىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەلكىم ئىپادىلەنمەيدۇ، ئىككى تەرەپ يەنە داۋاملىق سەۋرچانلىق بىلەن سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى سىياسىي سۆھبىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشى ھەمدە ئىككى تەرەپ قۇبۇل قىلالايدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى كېرەك.
گەرچە ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئاكتىپ سىگنال قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەر: ئۇچرىشىشتا تېخى كونكرېت نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلمىدى، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپىنى تۈگىتىشنىڭ يەنىلا تەس ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى