باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

6- نۆۋەتلىك «دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇنبىرى» پولشادا ئۆتكۈزۈلدى

2018.07.17 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- نۆۋەتلىك «دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇنبىرى» يېقىندا پولشانىڭ شىمالدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر تورۇندا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، پولشا، ھىندىستان، مېكسىكا، مالايشىيا، فىلىپپىن، ئىسرائىلىيە، كورېيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 50 نەچچە ئالىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  پولشا پومېرانىيە ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىۋاۋمىللېر كوبوسىچ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئەمەلىيەت جەھەتتە پائال ئىزدىنىش، نەزەرىيە جەھەتتە ئىزدىنىش ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتە كۈچلۈك قوللاش زۆرۈردۇر. دۇنيانىڭ تەرەققىيات قەدىمى كۈنسېرى تېزلەشمەكتە، ئىنسانلار ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى باسقۇچقا كىردى. پومېرانىيە ئۆلكىسىمۇ پولشانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر