باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن 232 تەدبىرى − كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق

2018.07.19 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مۇراجىئەت مېخانىزمىغا ئەرز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن 232 تەدبىرىگە قارىتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېدى. 7-ئاينىڭ 18- كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىمىز شەرتنامە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە سۆھبەت بايان قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن 232 تەدبىرى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» نامى بىلەن ئەمەلىيەتتە سودا قورۇقچىلىقى ئېلىپ باردى. بۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ تەدبىرى كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق بولۇپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئامېرىكا تەرەپكە تۆلەم كېڭىشىش ئىلتىماسى سۇندى، بىراق ئامېرىكا تەرەپ رەت قىلىپ، ئىنكاس قايتۇردى. جۇڭگو تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن 232 تەدبىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە كەلتۈرگەن زىيىنىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەدبىرى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر تەدبىرى بولۇپ، ئورۇنلۇق ھەمدە كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق قارايدۇ: ئەگەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ يەنىلا كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش سەمىمىيىتى بولسا، ئۇنداقتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدىغان چەكلەش تەدبىرلىرىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ سەۋەبلىك دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن يۈز بەرگەن تالاش- تارتىشلارنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر