- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىللىق مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى
ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
2018.07.20 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى، بالىلار باغچىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 4 مىليون 192 مىڭ 900 كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 375 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، %9.82 ئاشقان؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار 2 مىليون 432 مىڭ 100 كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 200 مىڭ 100 كىشى كۆپىيىپ، %8.96 ئاشقان؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %79.6 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىگەن.
2017-يىلى، مەملىكەت بويىچە 255 مىڭ بالىلار باغچىسى بار بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 15 مىڭ 100ى كۆپىيىپ، %6.31 ئاشقان؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرگەن بالىلار 19 مىليون 379 مىڭ 500 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 158 مىڭ 700ى كۆپىيىپ، %0.83 ئاشقان يەسلىدىكى بالىلار سانى 46 مىليون 1400 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 862 مىڭ 800ى كۆپىيىپ، %4.22 ئاشقان.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈرلۈك ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشى بولۇپ، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %45.7كە يەتكەن. ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرسقا 7 مىليون 614 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %1.72 ئاشقان. ئالاھىدە مائارىپ جەھەتتە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي2107 ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى بار بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 27سى كۆپىيىپ، %1.30 ئاشقان؛ ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدە 56 مىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.20 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە مائارىپقا جەمئىي 110 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %21.11 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر