باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ۋە سۈپىتى تەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

2018.07.19 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ روشەن ئۈنۈمى كۆرۈلدى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، مالىيە باج ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاندى، كارخانىلارنىڭ پايدىسى ئۆستى، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ۋە سۈپىتىدە تەڭ ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي خامچوت كىرىمى 10 تىرىليون 433 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي خامچوت كىرىمى ئىچىدىكى باج كىرىمى 9 تىرىليون 162 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان، غەيرىي باج كىرىمى 1 تىرىليون 270 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 كېمەيگەن.

  باج كىرىمىدە، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسلىق باج تۈرلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆرۈنەرلىك ئاشقان. قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ باج تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سودا-سانائەت، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان گۈللىنىشى ۋە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، سودا-سانائەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %15.5 ۋە %18.3 ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى جەمئىي 5.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن. كارخانىلاردا ئۈنۈمنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشقان.

  جۇڭگو مالىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي جىڭمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى داۋاملىق مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ، مالىيە كىرىمىنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاكتىپ ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى نەتىجىسىدە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولۇشى دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ھاياتىي كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.»

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە باج كىرىمى مەملىكەتلىك خام چوت چىقىمىنىڭ %87.8ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. شۇنداقلا، ھەر تۈرلۈك ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم رايونلار غەيرىي باج كىرىمىنى قېلىپلاشتۇردى، غەيرىي باج كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلەپ، مالىيە كىرىمى نىسبىتى ۋە سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشى قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر