- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قىزغىن بۇغداي ئورمىسى
2018.07.19 16:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە ئىككى كومبايىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شىسى 21-تۈەن-مەيدانى 8-ليەنىنىڭ ئىشچىسى شۆ دوڭنىڭ بۇغداي ئېتىزلىقىدا بۇغداي ئورۇماقتا. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ تۈەننىڭ 20 مىڭ موغا يېقىن بۇغدايلىقىدىكى بۇغدايلار رەسمىي ئورۇلۇپ، قاراشەھەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ يازغى بۇغداي ئورۇش خىزمىتى رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
نۆۋەتتە، «شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبىرى» دەپ نامى بار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شىسى قاراشەھەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ 80 مىڭ مودىن ئارتۇق بۇغدايلىقىدىكى بۇغدايلار پىشتى، بىڭتۈەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تومۇز ئىسسىقتىمۇ يازغى بۇغداينىڭ بالدۇر ئامبارغا كىرىشى ئۈچۈن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇغداي ئورىدى.
شۆ دوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل ئۆز ئالدىغا «يېڭى باھار 37-تىپ»لىق يېڭى بۇغداي سورتىنى تېرىغان بولۇپ، ھەر موسىدىن 500 كىلوگرامدىن ئارتۇق ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن، بۇغداينىڭ سۈپىتى ياخشى بولغانلىقتىن، بۇغداي ئورۇش مەزگىلىدىلا بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى تەرىپىدىن بالدۇر زاكاس قىلىنىپ بولۇپتۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر