باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ بىلەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2018.07.20 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19- ئىيۇل كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى ئىزچىل قوللاپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق مۇناسىۋىتى يىللارنىڭ سىنىقى ۋە توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. بىز خۇشال ھالدا شۇنى كۆردۇقكى، يېڭى دەۋر شارائىتىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، مەن بىلەن سىز ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇشۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى شۇنداقلا رايون، ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر