باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىجيې تەجرىبە رايونى خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ۋاقتىدا قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.07.20 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بىجيې ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بەرگەندە، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، كەڭ كادىر-ئامما جاپاغا چىداپ تىرىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، بىجيې تەجرىبە رايونىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىر تىپىك جانلىق مىسال بولدى. بۇ جەرياندا، بىرلىك سەپتىكىلەر كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىشكە يەنە ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى. ئۆتكۈر ۋە تېز بولۇپ، توغرا ۋە ئېنىقلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىجيې تەجرىبە رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ۋاقتىدا قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىراقنى كۆرۈپ، ئالدىن پىلانلاپ، 2020-يىلىدىن كېيىنكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ئۇلاش، يېشىل تەرەققىيات، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىجيې تەجرىبە رايونىنى تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم. پارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا، بىرلىكسەپتىكىلەر بىجيې تەجرىبە رايونىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر