دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 21- كۈنى داكارغا يېتىپ بېرىپ، سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن سېنېگال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ، مەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئافرىقا زېمىنىغا 4- قېتىم قەدەم بېسىشىم. سېنېگال بۇ قېتىمقى ئافرىقا سەپىرىمدىكى 1- بېكەت، شۇنداقلا مەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن زىيارەتتە بولغان غەربىي ئافرىقىدىكى تۇنجى دۆلەت. جۇڭگو بىلەن سېنېگال ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلاردۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى بېيىپ، كۆپ خىللاشتى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلاشتى ۋە ماسلاشتى. 2016- يىلى، مەن ۋە سال زۇڭتۇڭ بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدۇق ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كۆپ تۈرلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلار پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەچكە، بۇنىڭدىن ئىككى دۆلەت خەلقى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى. مەن سال زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو- سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى